بۇرۇن ئويلاپ باققانمۇ؟

ۋاقىت: 2012-02-06 03:31 مەنبە:bilik.cn يوللىغۇچى:Guest ئاۋاتلىقى:
ULY   USY

 

ئەسكەرتىش : بۇ تىما ھارۇن يەھيانىڭ  <بۇ ھەقىقەتنى ئويلاپ باققانمۇ؟> (ever thought about the truth) ناملىق كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى. سەۋىيەمنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلىدىن خاتالىق ۋە ئېنقسىزلىقلاردىن خالى بولىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا توغرا چۈشىنىشڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
يۇقۇرىدىكى كىتاب ماڭا چۇڭقۇر تەسر قىلغانلىقى ئۈچۈن كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش مەخسىتىدە بىر بۆلىكىنى تەرجىمە قىلىدىم. سەۋرىچانلىق بىلەن كۆرۈپ چىقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئېلىكتىر سىگناللىرىدىن تەركىب تاپقان دۇنيا
«سىرىتقى دۇنيا»دەپ ھىس قىلغانلىرىمىز ئەمىليەتتە بىر يۈرۈش ئېلىكتىر سىگناللىرىدىن ئىبارەت. قېنى تۆۋەندىكى مىسالغا دىققەت قىلايلى. «بىز قانداق كۆرىمىز؟»دېگەن سۇئالغا دائىم «كۆزىمىزبىلەن،ئەلۋەتتە.»دەپ جاۋاپ بىرىمىز.لىكىن بۇسۇئالنىڭ جاۋابى بۇنداق ئاددى ئەمەس.
فوتونلار بىرقانچە باسقۇچلۇق جەرياندىن كىيىن كۆزىمىزگە كىرىدۇ. ئۇلار ئېلىكتىر سىگناللىرىغا ئايلاندۇرلىدۇ ھەم بۇ ھالەتتە مېڭىمىزگە يىتىپ بارىدۇ. يەنى مېڭىمىزگە يىتىپ بارغىنى بىز ھىس قىلغان شەيئىدىن چىققان فوتونلار بولماستىن بەلكى بىز كۆز دەپ ئاتايدىغان كۆرۈش ئەزايىمىزدا فوتونلارتەسىرىدە شەكىللەنگەن ئىنكاس- ئېلىكتىر سېگناللىرىدىن ئىبارەت. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مېڭىمىزدىكى كۆرۈش مەركىزى ئەسلىدىكى نۇرنى بىر تەرەپ قىلماستىن بەلكى ئەسىلىدىكى نۇرنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخسىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.بىز « مەن بۇ نەرسىنى كۆرىۋاتىمەن» دىگىنىمىزدە ،ئەمىلىيەتتە بىز ئۇ نەرسىنى كۆرمەيمىز. بىزنىڭ كۆرگىنىمىز مىڭىمىزدىكى ئۇ نەرسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئېلىكتىر سىگناللىرىدىن ئىبارەت. پەقەت بىر نەچچە كۋادىرات سانتىمىتىر كىلىدىغان كۆرۈش مەركىزىمىزدە پۈتكۈل كائىناتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممە شەيئىنى كۆرىمىز .
ئەگەر بۇ تونۇشنى چۈشەندۈرۈش زۈرۈرىيىتى بولغىنىدا، شۇنداق دەپ ئېيتالايمىزكى،ماھىيەتتىكى كۆرۈش كۆزىمىزدە يۈز بەرمەستىن كۆرۈش مەركىزىمىزدە يۈز بىرىدۇ. يەنى ، ئادەتتىكى تونىشىمىزنىڭ ئەكسىچە، بىز كۆزىمىز بىلەن كۆرمەيمىز ، كۆرۈش مەركىزىمىز بىلەن كۆرىمىز. چۈنكى مىڭىگە ھىچقانداق نۇر كىرمىگەچكە، مىڭە دائىم قاراڭغۇ بۇلىدۇ. ئەگەر كۆرۈش مەركىزىڭىزگە بىر نۇرباتارىيىسى –نۇر ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب –قۇيۇلسا ،گەرچە سىز قۇياشقا قاراپ تۇرغان بولسىڭىزمۇ كۆرۈش مەزكىزىڭىزدە ھىچقانداق نۇر بايقالمايدۇ . دىمەك، مىڭە ھەرگىزمۇ شەيئىنىڭ ئۆزىنى كۆرمەيدۇ، بەلكى شەيئىلەر قۇيۇپ بەرگەن ئېلكتىر سىگناللىرىنى كۆرىدۇ.بىرچرەند رۇسسىل(Bertrand Russell) تۆۋەندىكى مىسالنى كەلتۈرىدۇ:
ئادەتتىكى تۇيغىمىزدا بىر ئۈستەلنى كۆرگەندە كۆزىمىزنى ئۈستەلنى كۆردى دەپ تەسەۋۋر قىلىنىدۇ. بۇ پۈتۈنلەي خاتالاشقانلىق. بىر ئۈستەلنى كۆرگەندە، مەلۇم نۇر دولقۇنلىرى كۆزىمىزگە يىتىپ كىلىدۇ، بۇ نۇر دولقۇنلىرى دەسلەپكى باسقۇچتا مەلۇم سىزىمگە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، خۇددى باشقىلارنىڭ ئۈستەلنى كۆرگەنلىكىگە بەرگەن گۇۋاھلىقىغا ئوخشاش. بىراق بۇ نۇر دولقۇنلىرىنىڭ ھىچقايسىسى بىزگە ئۈستەلنىڭ ئۆزىنى يەتكۈزۈپ بەرمەيدۇ. نۇردولقۇنلىرى كۆزىمىزدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ، ھەمدە بۇ ئۆزگىرىش مىڭىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. بۇلار بىزدە «ئۈستەلنى كۆرۈش» دەيدىغان تۇيغۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، گەرچە مىڭىمىزدە ئۈستەل يوق بولسىمۇ. (Bertrand Russell, The ABC of Relativity, George Allen and Unwin Ltd..p.129)
كۆرۈش سەزگۈسىنى چۈشەندۈرگەن بۇ قائىدە باشقا ھەممە سەزگۈلەرگىمۇ ماس كىلىدۇ. بىز ئېلىكتىر سىگناللىرىنى پۇرايمىز، ئېلىكتىر سىگناللىرىنى ئاڭلايمىز ھەم يىمەكلىكلەرنى ئەمەس بەلكى ئۇلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئېلىكتىر سىگناللىرىنى يەيمىز.
تۇتۇش-سىلاش سەزگۈسىمۇ يۇقۇرقىغا ئوخشاش. «گەرچە بېشىڭىز بىلەن تامغا ئۈسسىڭىزمۇ، ئەمىلىيەتتە سىز تامغا ھەرگىز تىگىشمەيسىز. سىز بىر جىسىمىنى تۇتتۇم دەپ ئويلىغىنىڭىزدا، بەدىنىڭىزدىن شەكىللەنگەن ئېلىكتىرون ۋە پروتونلار سىز تۇتتۇم دەپ ئويلىغان جىسىمدىكى مەلۇم ئېلىكتىرۇن ۋە پروتونلاربىلەن تارتىشىدۇ ھەم تىپىشىدۇ، لىكىن سىز بىلەن جىسىم ئوتتۇرسىدا ھىچقانداق تىگىشىش يۇز بەرمەيدۇ. بەدىنىڭىزدىكى ئېلىكترون ۋە پروتونلار باشقا ئېلىكترون ۋە پروتونلار بىلەن يېقىنلىشىش سەۋەبىدىن قۇزغۇتىلىپ قالايمىقانلىشىدۇ، ھەمدە نىرۋا ئارقىلىق مىڭڭىزگە بىر قالايمىغانچىلىقىنى يەتكۈزىدۇ. سىزنىڭ تىگشىشنى ھىس قىلىشىڭىزغا لازىملىقى دەل مىڭىدىكى بۇ خىل تەسىردىن ئىبارەت. »
(Bertrand Russell, In Praise of Idleness and Other Essays, George Allen and Unwin Ltd.,1958,p.228)
ئاڭلاشنىڭ يۇقۇرىقىغا ھىچقانداق ئوخشىمايدىغان يىرى يوق. نىرۋا سىستىمىسى قۇلاققا يىتىپ كەلگەن ئاۋاز دولقۇنلىرىنى ئېلىكتىر سىگناللىرىغا ئايلاندۇرىدۇ ھەم ئاڭلاش مەركىزىگە يوللايدۇ. كۆرۈش مىخانىزىمىدىكى ئەھۋالغا ئوخشاش، مىڭىگە يىتىپ بارىدىغىنى ئاۋاز دولقۇنلىرىنىڭ ئىلىكتىرونلۇق كۆپەيتىلمىسى خالاس.

مىڭىدا شەكىللەنگەن دۇنيا
ھازىرغىچە، كۆرگىنىمىز، تۇتقىنىمىز ۋە ئاڭلىغىنىمىز پەقەت مىىڭىمىزدە شەكىللەنگەن ھەم مىڭىمىز چۈشەندۇرىدىغان ئېلىكتىر سىگناللىرى ئىكەنلىكىنى تەپسىلى بايان قىلىپ ئۆتتۇق. مەسلەن، بىر ئادەم ئالما يىگەندە، ئۇنىڭ مىڭىسىدە بىر قانچىلىغان ئېلىكتىرونلۇق تەسىر پەيدا بولىدۇ ھەم چۈشەندۇرىلىدۇ. ئۇنىڭ ھىس قىلغىنى ھەقىقى ئالما ئەمەس بەلكى مىڭىدىكى ئالمىنىڭ شەكلى، پۇرىقى، تەمى، قاتتقىلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئېلىكترونلۇق سىگناللاردىن ئىبارەت. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، سەزگۈ ئەزالىرىمىز ئارقىلىق تونۇغان سىرىتقى دۇنيا ئېلىكترونلۇق كۆپەيتىلمىلەرنىڭ يىغىندىسىدىسى ھىسابلىنىدۇ. مىڭە پۈتكۈل ھاياتىمىزدا مۇشۇ ئېلىكترونلۇق كۆپەيتىلمىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ ھەم باھالايدۇ. بىز ئۆزىمىزنى«ھەقىقى» شەيئىلەر بىلەن باغلىنىشلىق دەپ پەرەز قىلىمىز، لىكىن بىز پەقەت تەسۋىرلەرنىڭ كۆپەيتىلمىللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىشىمىز.

«ھەقىقى» سىرىتقى دۇنيا؟
ئادەتتە سەزگۈللىرىمىز ئارقىلىق «ھەقىقى» جىسىلارنى ھىس قىلالمايمىز. شۇڭا كاللىمىزدا شەكىللەنگەن دۇنيا ھەقىقى دۇنيانىڭ تەسۋىرى ئىكەنلىكىگە ھەرگىز جەزىم قىلالمايمىز. مىڭىمىزدە شەكىللەنگەن تەسۋىرلەر سىرىتقى دۇنيادىكى ھەقىقى شەيئىلەر بولماسلىقى مۇمكىن. مىڭە مىڭىگە كىرگەن ئۇچۇرلانى ئۆز سىستىمىسىدا باشقىچە بىر خىل ھالەتكە ئايلاندۇرىدۇ ھەم باشقىچە بىر دۇنيا شەكىللەندۈرىدۈ. چۈنكى تۇغۇلغاندىن تارتىپ بۇ سىستىمىغا تايانغاچقا، بىزدە مىڭىنىڭ ھەقىقى دۇنيانى ئەكىس ئەتتۈرىشىنى ۋە ھەقىقى دۇنيانىڭ توغرا ئۇچۇرىنى يەتكۈزىشىنى جەزىملەش ئۈچۈن ھىچقانداق پۇرسەت يۇق. بىز «توغرا، مەن مىڭىنىڭ ھەقىقى دۇنيانى ئەكىس ئەتتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىمەن، چۈنكى مەن شەيئىلەرنى ھىس قىلغاندا، باشقا كىشلەرمۇ ماڭا ئوخشاش شەيئىنى ھىس قىلغىنىنى ئېيتشتى» دىيشىمىز. لىكىن بىز ئاشۇ كىشلەرنىڭ ئوخشاشلا سىرىتقى دۇنيانىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ۋە شۇڭا ئۇلارنىڭمۇ تۇيغىمىزنىڭ مەھسۇلاتى ئىكەنلىكىدەك پاكىتنى ئۇنتۇپ قالدۇق. بۇ خۇددى پۈتۈن ھاياتىنى بىر ئۆيدە ئۆتكۈزۈپ ، سىرىتقى دۇنيا بىلەن ئىكران ئارقىلىق ئالاقە قىلغان كىشگە ئوخشايدۇ. ئۇ كىشىگە نىسبەتەن ئۇ «سىرىتقى دۇنيا» دەپ كۆرگەن تەسۋىرلىرىنىڭ ھەقىقەتەن سىرىتقى دۇنيانى ئەكىس ئەتتۈرگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ.
يىغىنچاقىلغاندا، بىزنىڭ «سىرىتقى دۇنيا»نى تونۇشىمىز پەقەت ئۆزىمىزنىڭ تۇيغۇللىرىغا ۋە مىڭىمىزنىڭ چۈشەندۈرشىگە باغلىق .
«ئەمىليەتتە، كائىناتتا بىزگە كۆرۈنگەندەك ۋە بىز ئېنىقلىما بەرگەندەك نۇر، بىز ئاڭلىغاندەك ئاۋاز، بىز ھىس قىلغاندەك ئىسسقلىق يوق. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، سىرىتقى دۇنيا بىلەن ئۇچراشقاندا سەزگۈ ئەزالىرىمىز بىزنى ئالدايدۇ.»(Prof. Dr. Ali Demirsoy, Evrenin Cocklari Children of Universe,p.3-4)
بىرچرەند رۇسسىل(Bertrand Russelll) پەلسەپىۋى مەسىللەر (Philosophical Matters) ناملىق كىتابىدا، «سىرىتقى دۇنيا» بىلەن مىڭمىزدە شەكىللەنگەن دۇنيانىڭ پەرقىنى قارىغۇ ئادەمنى مىسال قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ.سىز قارىغۇ كىشىگە ئۇ چۈشىنەلەيدىغان قىلىپ، نۇر بولسا دولقۇنلارنىڭ يۆتكىلىشى دىيەلەيسىز، چۈنكى كۆرەلمەيدىغان كىشلەر تۇتۇش –سلاش ئارقىلىق يۈلىنىشنى بەلگىلەيدۇ. لىكىن قارىغۇ كىشى نۇرنىڭ ئېنىقلىمىسىدىن ئىرىشكەن چۈشەنچىسى نۇرنىڭ ھەقىقى ماھىتىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. قارىغۇ كىشى ئۈچۈن نۇرغا ھەرگىز ئېنىقلىما بەرگىلى ياكى نۇرنى چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. دولقۇنلارنىڭ يۆتكىلىشى دەپ تەسۋىرلەنگەن نۇر بىز ھىس قىلغان نۇرغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. شۇڭا مىڭىدە پەيدا بولغان تەسۋىرلەرنىڭ مەنبەسىنى نۇر دىيەلمەيمىز. دىمەكچى بولغىنمىز شۇكى، شەيئىلەرنى كۆرىشىمىز ئۈچۈن «سىرىتقى دۇنيا»دىكى شەيئىلەر بىزگە يىتىپ كىلىشى ھاجەتسىز. بۇ ھادىسە باشقا سەزگۈلەر ئۈچۈنمۇ ئوخشاش. يەنە بىر مىسال كەلتۈرەيلى:
«ئەڭ يېقىملىق كۈيمۇ ئىچكى قۇلىقىمىزنى تەۋرىتىدىغان ئاۋاز دولقۇنلىرىدىن تۈزۈلگەن .بىزگە خۇددى ھەممە تۇيغۇلار سىرىتقى دۇنيانىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىشى كىرەكتەك تۇيۇلىدۇ ، لىكىن تۇيغۇلار سىرىتقى دۇنيادىن تارقالمايدۇ ، پەقەت ھىس-تۇيغۇ شەكىلىدە مەۋجۈت بۇلىدۇ.» (Science and Technique, August, 1988)
ئەمىلىيەتتە، «سىرىتقى دۇنيا» دىكى ئاۋاز دولقۇنلىرىنى كۈيگە ئايلاندۇرغان نەرسە دەل ئۆزىمىزنىڭ مىڭىسى. بۇنداق دىگەنلىك سىرىتقى دۇنيادا ھەرگىزمۇ مۇزىكا ھاسىل بولمايدۇ، بىز مىڭە ئارقىلىق ئىچىمىزدە ھىس قىلىمىز.
رەڭ تۇيغىمىزدىمۇ ئوخشاش نەتىجىگە ئىرىشەلەيمىز؛ ئوخشىمىغان رەڭلەرنى كۆرگەندە ، ئەمىليەتتە ئوخشىمىغان دولقۇن ئۇزۇنلىقىدىكى نۇر كۆزىمىزگە يىتىپ كىلىدۇ. يەنىلا مىڭە بۇ دولقۇنلارنى رەڭگە ئايلاندۇرىدۇ. مەسلەن، بىزگە ئالمىنىڭ قىزىل رەڭدە كۆرىنىشىنىڭ سەۋەبى ئالمىدىن چىققان نۇر دولقۇن ئۇزۇنلىقىنىڭ مىڭىدە ھاسىل قىلغان تۇيغۇسى. بۇ دىگەنلىك ئالما راستىنلا قىزىل ئەمەس ، ئاسمان كۆك ئەمەس ، دەرەخلەر يىشىل ئەمەس؛ بىزنىڭ تۇيغىمىز سەۋەبىدىن ئۇلار بىزگە ئاشۇندان كۆرىنىدۇ.
مەشھۇر ئىلىمى ژورنال «La Recherche»دا بۇ تىمىغا ئائىت مۇنداق دىيىلگەن : «نۇرلارئىچىدە بىز قىزىل ياكى كۆڭ دەپ ئاتايدىغان نەرسىلەر يۇق . ئەمىلىيەتتە بىز رەڭلەرنى مەۋجۈت دىيەلمەيمىز. بۇ پەقەت كۆڭۈلدىكى تۇيغۇ خالاس.»(January,1981)

ھايۋانلار باشقىچە كۆرىدۇ
بۇندىن باشقا، ھايۋانلارنىڭ شەيئىلەرنى ئوخشىمىغان رەڭ ۋە شەكىلدە كۆرىدىغانلىقى بايقالغان. بۇ مىسال كۆرۈشنىڭ تۇيغۇغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان يەنە بىر مىسال.
ئاتلارغا نىسبەتەن ئاسمان كۆك ئەمەس بەلكى كۈلرەڭ. ھەرىنىڭ ئىنسانلارغا ئوخشىمايدىغان ئۇلار ئولتىرا بىنەپشە نۇرنى تۇيالايدۇ، شۇڭا ھەرىلەر نۇرغۇنلىغان باشقا رەڭلەرنى كۆرىدۇ. تىمساق ۋە چاشقانغا نىسبەتەن، ھەممە نەرسە قارا ياكى ئاق كۆرىنىدۇ. كالىلار قىزىل رەڭنى تونىيالمايدۇ. ئوخشاشلا ھايۋانلارنىڭ شەيئىلەرنىڭ شەكىلىنى باشقىچە كۆرىدىغانلىقى بايقالغان.
بۇنداق ئەھۋالدا، كاللىمىزغا « قايسىسى توغرا؟» دەيدىغان سۇئال كىلىدۇ. ئېنىقىكى پەقەت ئىنسانلارلا شەيئىلەرنى توغرا كۆرەلەيدۇ دەيدىغانغا ئاساس يوق.

ئۆز كاللىمىزدا شەكىللەنگەن دۇنيادا ياشايمىز
نىمىگە ئاساسەن بىز كۆرىۋاتقان ، تۇتىۋاتقان ، ياكى ئاڭلاۋاتقان بۇجىسىمنى مەۋجۈت جىسىم دىيەلەيمىز. ئەمما بۇ تۇيغۇلار جىسىمنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئەمەس، چۈنكى ئۇلار مىڭمىز ياكى كاللىمىز ئۇ جىسىمغا بەرگەن سۈپەتلەر خالاس. يەنى ئاغرىق ياكى ئىسسقلىقا ئوخشاش بەش تەبئي سەزگۈلەردىن بىرى ئارقىلىق ئىرشكەن تۇيغۇلار «سىرىتقى دونيا»نىڭ بىر قىسمى ئەمەس، پەقەت كاللىمىزنىڭ ئىچىدە شەكىللەنگەن.
شۇڭا بىز مۇلاھىزە قىلىۋاتقان «سىرىتقى دۇنيا» پەقەت بۇ تۇيغۇلارنىڭ توپلىمى، ئەگەر كاللىلمىز بولمىسا بۇ سىرىتقى دۇنيا مەۋجۈت بولمايدۇ. ئەگەر بىر مىۋىنىڭ سىرىتقى كۆرىنىشى ، پۇرىقى، تەمى قاتارلىق سۈپەتلىلرىرىنى چىقىرىۋەتسەك، بۇ مىۋىنىڭ بىزگە ھىچقانداق مەنىسى قالمايدۇ. تەمى ،پۇرىقى، قاتتىقلىقى ياكى رەڭگى بولمىسا ئۇنى ھەرگىزمۇ مىۋە دەپ ئاتىمايمىز .
بىز بىلىدىغان دۇنيا ئەمىلىيەتتە كاللىمىزنىڭ ئىچىدە لاھىلەنگەن ،ئىپادىلەنگەن ، يارىتىلغان دۇنيادىن ئىبارەت. بىز پەقەت مۇشۇ دۇنياغىلا جەزىم قىلالايمىز.
يىغىنچاقلىغاندا، بىز كاللىمىزدىكى دۇنيادا ياشايمىز، ئۇنىڭدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلالمايمىز ھەم خاتا ھالدا بۇ ھەقىقى« سىرىتقى دۇنيا» دەپ ئويلايمىز. بۇ ئۆزگىچە پەلسەپىۋى چۈشەندۈرۈش ئەمەس ؛ بۇ ئېلىم-پەننىڭ ئېنىق پاكىتى.
تەقلىد قىلغۇچى ئەسۋابلار؛ سۈنئىي رىئاللىق
تەقلىد قىلىش دەپ ئاتالغان بۇ تېخنىكا كومپيوتىر ياردىمىدە، بىر خىل سۈنئي مەۋھۇم دۇنيا ھاسىل قىلىدۇ. ئىكرانلىق قالپاق سىزگە ئۈچ-ئۆلچەملىك تەسۋىر ھاسل قىلىپ بىرەلەيدۇ ھەمدە ھەر قايسى سەزگۈلىرىڭىزنى غىدىقلاش ئارقىلىق مىڭىڭىزنى ھەقىقى دۇنيادا تۇرغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ. ئەڭ يېڭى تەقلىد قىلىش ۋە مۇدىل قىلىش تېخنىكىسى سەپلەنگەن كومپىيوتىر ئادەمنىڭ 5خىل سەزگۈسىنىڭ ھەممىسىنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ ۋە مىڭىنى غىدىقلىيالايدۇ. بۇ زادى قانداق ئەمەلگە ئاشىدۇ؟ ھەمدە بۇنداق قىلىشنىڭ ئەھمىيىنى نىمە؟
بۇ يېڭى تېخنىكا ئاساسلىقى بىزگە ئاللبۇرۇن تۇنۇش بولغان 3 D(ئۈچ-ئۆلچەم) ئۇيۇنلىرىدىكى ئەڭ يېڭى تەسۋىر ھاسىل قىلىش ئۇسۇلىنى قۇللىنىپ ئەمەلگە ئاشۇرىلىدۇ. F16 ئايرۇپىلاننىڭ ئۇچقۇچىسىنى مەشىق قىلدۇرۇش ئۈچۈن LCD (سۈيۈق كىرستال ئىكران-液晶显示器) ياسىلىدۇ ياكى ئۇچقۇچىغا ئۆز بېشىنى يوقۇرى-تۆۋەن لىڭشتقاندا خۇددى ھەقىقى ئايرۇپىلاندىكىدەك تۇيغۇ بىرەلەيدىغان ، ئۇچقۇچىغا ئۈچ-ئۆلچەملىك ئايرۇپىلان سۈرىتىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان قالپاق لاھىلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا مۇكەممەل ئاۋاز سىستىمىسى ۋە LCD قالپىقىنىڭ تەسۋىرىگە ئاساسەن ھەركەتلىنىدىغان سەزگۈر ئۇرۇندۇق ئارقىلىق ئۇچقۇچىنى ھەقىقى ئۇچقاندىكى تەۋرىنىش ۋە ھىس-تۇيغۇلارنى ھىس قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
بۇ مىسال سەزگۈلەرنىڭ تەسىرى ئۇڭايلا مەۋھۇم دۇنيا ھاسىل قىلالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.

زادى كىم كۆرىدۇ؟
« ‹سىرىتقى دۇنيا› راستىنلا بارمۇ؟ ياكى ئۆزىمىز كاللىمىزدا شەكىللەندۈرەمدۇق؟ بىز بەش خىل سەزگۈمىز بارلىقىنى جەزىملەشتۈردۇق. ھىس-تۇيغۇلار نىرۋا سىستىمىسى ئارقىلىق مىڭىگە يىتىپ بارىدىغانلىقى ۋە مىڭىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغان سانلىق مەلۇماتلارنى ساقلايدىغانلىقىنىمۇ جەزىملەشتۈردۈق. لىكىن نىمە ياكى كىم بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى كشلەرنىڭ ئىسىگە سالىدۇ، نېمە ياكى كىم سەزگۈ غىدىقلىغۇچىلارنى تەرتىپلىك ئۇرۇنلاشتۇرىدۇ ۋە ئۇنى ئاڭغا ئىگە بىر مىخانزىمغا ئايلاندۇرىدۇ، ئاندىن بۇ مىخانىزىمنى «سىرىتقى دۇنيا»نىڭ ھىس-تۇيغۇللىرى دەيمىز؟
(Encyclopedia Gelisim of Science and Techmique,p.1216 )
بىزنىڭ مىڭىمىزدە شەكىللەنگەن دۇنيادا ياشايدىغانلىقىمىزدا ھىچقانداق شۈبھى يۇق. لىكىن بۇ تېخمۇ مۇھىم سۇئالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر بىز كۆرىۋاتقان ۋە بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن ئىشلار چۈشكە ئوخشاش ماددى مەۋجۈدىيەت بولمىسا، ئۇنداقتا بۇ تەسۋىرلەر قانداق شەكىللەنگەن؟
بەزىدە بۇ تەسۋىرلەر « مىڭىنىڭ تېخى چۈشەندۈرىلمىگەن فونكىسسىيسى» دىيىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، چۈش خاتىرىمىز تەرىپىدىن نامەلۇم بىر ئۇسۇلدا يارىتىلغان بولىدۇ. ئەمىلىيەتتە « كىم بۇ تەسۋىرلەرنى مىڭىگە كۆرسىتىدۇ؟» دىگەن سۇئال سۇرالغاندا، گەرچە بۇ تەسۋىرلەرنى مىڭىنىڭ شەكىللەندۈرگەنلىكىگە ھىچقانداق ئىسپات بولمىسىمۇ بۇ تەسۋىرلەر مىڭە فونكىسسىيىسىنىڭ نەتىجىسى دىيىلىدۇ.
بۇ يەردە بۇ مەسلىنىڭ ھازىرغا قەدەر نەزەردىن ساقىت قىلىنغان يەنە بىز تەرىپىنى قۇبۇل قىلىشىمىز لازىم.
بىرچرەند رۇسسىل(Bertrand Russell) مۇنداق دەيدۇ:
« ئادەتتىكى ماددا بىر گۇرۇپ ھادىسلەرنىڭ يىغىندىسى دىيىلسە، ئۇنداقتا بۇ قائىدە ئوخشاشلا كۆز، ئوپتىك نىرۋا ۋە مىڭىگىمۇ قۇللىنىلىدۇ.»
(Bertrand Russell, ABC of Relativity, George Allen and Unwin.,1958, p.129)
يەنى مىڭىمۇ ماسسىسى، ئورنى، ۋە ھەجىمى يوق تەسۋىرلەرنىڭ توپىلىمى دەپ تەرىپلەنگەن «سىرىتقى دۇنيا»نىڭ بىرقىسىمى. چۈشكە ئائىت بىر مىسال بۇ نۇقتىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. ئەمدى مىڭىمىزدە چۈش كۆرىۋاتىمىز دەپ پەرەز قىلايلى. چۈشىمىزدە: مەۋھۇم بەدىنىمىز بار بۇلىدۇ، شۇڭا مەۋھۇم كۆز ۋە مىڭىمىز بۇلىدۇ. ئەگەر بىرى چۈشىمىزدە بىزدىن «دۇنيانى قەيىرىمىزدە كۆرىمىز ؟» دەپ سورىسا، « مىڭەمدە.» دەپ جاۋاپ بىرىمىز. ئەگەر يەنە شۇ كىشى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ مىڭمىز قەيەردە ، ئۇ نىمىگە ئوخشايدۇ دەپ سورىسا ، ئۇ ھالدا بىز مەۋھۇم بېشىمىزنى تۇتىمىزدە ئاندىن « مىڭەم باش سۆڭىڭىنىڭ ئىچىدە، تەخمىنەن بىز كىلوگرام كىلىدۇ.» دەيمىز.
ئېنىقكى چۈش كۆرگەندە ھەقىقى مىڭە ئەمەس مەۋھۇم باش ۋە مەۋھۇم مىڭىمىز بۇلىدۇ. شۇڭا تەسۋىرلەرنى كۆرگىنى ئۇ مەۋھۇم مىڭە ئەمەس بەلكى مىڭىدىنمۇ « ھالقىغان» بىر مەۋجۇدىيەت.
ئەمىلىيەتتە، چۈش بىلەن «ھەقىقى دۇنيا» ئۇتتۇرىسىدا ھىچقانداق كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان پەرقى يوق. شۇڭا كۆندىلىك تۇرمىشىمىزدا يۇقىرىقىغا ئۇخشاش سۇئالغا يۇلۇققاندا، ئوخشاش جاۋاب بەرسەك جاۋابىمىز مەنىسىز بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا شەيئىلەرنى كۆرىدىغىنى مىڭىدىن «ھالقىغان» پۈتۈنلەي ئۆزگىچە خاراكتىرگە ئىگە مەۋجۈدىيەت.
بۇ «مەۋجۈدىيەت» ھىس قىلىدىغان، تۇتىدىغان، كۆرىدىغان، ئاڭلايدىغان، ياخشى كۆرىدىغان، قۇرقىدىغان ۋە ئۆزىنى «مەن» دەپ ئاتايدىغان نەرسە. بۇ «مەۋجۈدىيەت» بولسا «ھايات ئورگانىزم»، لىكىن ئۇ ماددىمۇ، تەسۋىرمۇ ئەمەس. ئۇنى بىر كىلو 300 گرام كىلىدىغان بەدەننىڭ بىر قىسمى دىيىشمۇ خاتا. چۈنكى، ھۆجەيرىلەرنى تۈزگەن ئاتوملارنىڭ ئىنتايىن مۇكەممەل ئۈچ-ئۆلچەملىك دۇنيا يارىتالىشى مۇمكىن ئەمەس. مىڭىنى ئىنچىكىلەپ ئانالىز قىلساق، مىڭىدە كائىناتنىڭ ھەرقانداق بۆلىكىگە ئۇرتاق بولغان ئامىنو كسلاتاسى، مالىكۇللا قاتارلىق تەبىئي قۇرۇلمىلارنى ئۇچرىتىمىز. يەنى مىڭىدە تەسۋىر ۋە ئاڭنى شەكىللەندۈرىدىغان ھىچقانداق ئۇرۇن ياكى قۇرۇلما مەۋجۈت ئەمەس.
رۇشەنكى، ھىس قىلىدىغان، كۆرىدىغان، تەپەككۇر قىلىدىغان ۋە ئۆزىنى «مەن» دەپ ئاتايدىغان بۇ «مەۋجۈدىيەت» مىڭىدىن باشقا جايدا. دىندا بۇ مەۋجۈدىيەتنى «رۇھ» دەپ ئاتايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، اللە رۇھىمىزغا «سىرىتقى دۇنيا»نى خۇددى چۈشىمىزدىكىگە ئوخشاش ھەرخىل شەكىلدىكى تەسۋىر ھالىتىدە كۆرسىتىدۇ. يەنى ئىنسانلار كائىناتنىڭ ئىچىدە ئەمەس بەلكى كائىنات ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە.
«سىرىتقى دۇنيا»نىڭ بىزگە شۇنچە ھەقىقىدەك كۆرىنىشىنىڭ سەۋەبى سەزگۈ ۋە تەسۋىرلەرنىڭ مۇكەممەللىكىدىندۇر. ياراتقۇچىمىز دۇنيانى نوقسانسىز ياراتتى. بىزنى تۇيۇق يولغا باشلايدىغىنى بۇ تەسۋىرلەرنىڭ يارىتىلىشىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى گۈزەللىكى. قىسقىسى، دۇنيا مۇكەممەللىكتە شۇنچىلىك دەرىجىگە يەتكەنكى بىز دۇنيانى «ھەقىقى» دەپ ھىس قىلىدىغان تەسۋىر دەپ ئېنقلىما بىرىمىز.
قۇرئان بۇ مەسلنى قانداق بىر تەرەپ قىلغان؟
بىز ھازىرغىچە چۈشەندۈرگىنىمىز مەلۇم پاكىتلارنى چۈشىنىشىمىزنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى. كائىناتنىڭ ھەقىقى ماھىتى يۇقۇرىدىكى چۈشەندۈرۈشلەرنى ئىسپاتلىدى ھەمدە اللە ۋە ئىنساننىڭ مەۋجۈدىيىتىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئۆتمۇشتە توغرا دەپ قارالغان ماتىريالىستىك قاراشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەردى.
ماتىريالىستىك قاراش ماددا مۇتلەق مەۋجۈت دىگەن پەرەز ئۈستىگە قۇرۇلغان. ماددىنىڭ مۇتلەق مەۋجۈدىيەت ئەمەس بەلكى ھىس-تۇيغۇ ۋە تەسۋىرلەردىن تەركىب تاپقانلىقىنى بىلگەن ئىكەنمىز، ئۇنداقتا ماددىنىڭ كۈچ قۇدرىتى بۇ تەسۋىرلەرنىڭ ھەممىنى ياراتقۇچى بولغان اللەنىڭ كۈچ-قۇدرىتى دەپ قاراش لازىم. چۈنكى، ماددا ھىس-تۇيغۇلارنىڭ يىغىندىسى خالاس، بۇنىڭلىق بىلەن بوشلۇق ۋە ئۇرۇن قاتارلىق ئۇقۇملارمۇ مەنىسىز بۇلۇپ كىتىدۇ.
بۇنداق ئەھۋالدا، «اللە نەدە؟»دىگەن سۇئالنىڭ جاۋابىمۇ رۇشەنلىشىدۇ. قۇرئاننىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن ھاياتلىق يولى ۋە تەپەككۇر يولىغا ئەگەشمىگەنلەرنىڭ كۆز قارشى بويىچە، اللە «ئاسماندا» ئۇلارغا مەلۇم ئارلىقتىن قاراپ تۇرىدۇ ۋە دۇنيا ئىشلىرىغا ئارلاشمايدۇ. بۇ قاراش اللەنى دۇنيادىن ئايرىپ قارايدۇ. بەزى دىنلاردا اللەنى چۈشىنىشتە مۇشۇ خىل كۆز قاراشقا تايىنىدۇ. ھەتتا نادانلىق قاپلىغان بەزى مۇسۇلمان جەمئىيەتلىرىدىمۇ بۇ خىل قاراش ھۆكۈم سۈرىدۇ.
يۇقىرىدا تەكىتلەنگىنگە ئوخشاش ، ماددا پەقەت ھىس-تۇيغۇ خالاس. ھىچنىمە اللەنىڭ زاتىدىن خالى مەۋجۈت بولمايدۇ. قۇئاندىكى بىر قانچە ئايەتلەر بۇ چۈشەنچىنى تېخىمۇ توغرىلايدۇ.
«ئۆز ۋاقتىدا بىز ساڭا پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەقىقەتەن كشلەرنىڭ(ئەھۋالىنى)نى تۇلۇق بىلىدىغانىقىنى ئېيتتۇق.» (سۈرە ئىسرائىل،60-ئايەتنىڭ بىرقىسمى)
«ئاسمانلاردىكى ۋە زىمىندىكى شەيئلەرنىڭ ھەممىسى اللەنىڭدۇر (يەنى اللەنىڭ مۈلكىدۇر،بەندىللىرىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر). اللە ھەممە نەرسىنى تۇلۇق بىلگۈچىدۇر.»
(سۈرە نىسا،126-ئايەت)
«...بىلىڭلاركى ، اللە ھەممە نەرسىنى ھەقىقەتەن تۇلۇق بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.»
(سۈرە فۇسسىلەت، 54-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
«مەشرىقمۇ، مەغرىپمۇ(يەنى پۈتۈن يەر يۈزى) اللەنىڭدۇر، قايسى تەرەپكە يۈزلەنسەڭلارمۇ، ئۇ اللەنىڭ تەرىپى يەنى سىلەرگە ئىختىيار قىلغان قىبلىسدۇر، اللە (نىڭ مەغپىرىتى ) ھەقىقەتەن كەڭدۇر اللە ھەممىنى بىلىگۈچىدۇر.» (سۈرە بەقەرە، 115- ئايەت.)
«ئاسمانلاردا ۋە زىمىندا (ئىبادەت قىلىنشقا تېگشلىك) اللە ئەنە شۇدۇر، ئۇ سىلەرنىڭ يۇشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشىڭلارنى (ياخشى-يامان) قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.» (سۈرە ئەنئام، 3-ئايەت)
«ئاسمانلارنىڭ ۋە زىمىننىڭ پادىشاھلىقى اللەغا خاستۇر، اللەنىڭ بالىسى يوقتۇر، پادىشاھلىقتا شېرىكمۇ يوقتۇر، اللە ھەممە نەرسىنى ياراتتى، ئاندىن (ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە) ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆلچەمنى بەلگىلىدى.» (سۈرە فۇرقان، 2-ئايەت)
«بىز ھەقىقەتەن ئىنساننى ياراتتۇق، بىز ئۇنىڭ كۆڭىگە كەلگەننى بىلىمىز، بىز ئۇنىڭ جان تۇمۇرىدىنمۇ يېقىنمىز.» (سۈرە قاف، 16-ئايەت)
«اللەدىن باشقا ھىچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ يۇشۇرۇننى ، ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مىھرىباندۇر، (يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) كەڭ رەھمەت ئىگىسىدۇر. اللەدىن باشقا ھىچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ (مۇتلەق) پادىشاھتۇر (يەنى پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ مالىكىدۇر)، پاكتۇر (يەنى ھەممە نوقساندىن پاكتۇر)، (مۆئمىنلەرگە) سالامەتلىك بېغىشلىغۇچىدۇر، (دوستلارنى قۇرقۇنچتىن، ئازاپتىن) ئەمىن قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرغىچىدۇر، غالىپتۇر، قەھىر قىلغۇچىدۇر، ئۇلۇغلۇق ئىگىسىدۇر، (مۇشرىكلارنىڭ ) شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىللىرىدىن پاكتۇر. اللە (ھەممىنى ) ياراتقۇچىدۇر،( يوقلۇقتىن) پەيدا قىلغۇچىدۇر، (ھەممە نەرسىگە) سۈرەت (شەكىل) بېغىشلىغۇچىدۇر، ئەڭ چىرايلىق ئىسملارغا ئىگىدۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زىمىندىكى نەرسىلەر ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ، ئۇ غالىپتۇر، ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.»
(سۈرە ھەشىر، 22-ئايەتتىن 24-ئايەتكىچە)

 

(تەھرىر :ئۇيغۇربىز)

------分隔线----------------------------

باھا يوللاش
مىللىي ئۆرپ-ئادىتىمىزگە ۋە دۆلەت قانۇنىغا زىت باھا يوللىماڭ !
ئىسىم: تەستىق كودى:ئىنىق ئەمەس؟ يۈتكەش
باھالار داۋامى

بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : ئۇيغۇربىز تور بىكىتىگە ۋە بارلىق ھوقۇق تورداشلارغا مەنسۇپ، مەزمۇنلارنى مەنبەنى ئەسكەرتىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ!
Copyright © 2005-2012 Uyghurbiz Website. All Rights Reserved. ICP.11000288-3
بېكەت ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | بېكەت خەرىتىسى | پىكىر بېرىڭ