جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 4-فېۋرال خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي قوغدىنىش ئارمىيىسى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى ھورمۇز بوغۇزىغا يېقىن دېڭىز ساھەسىدە يەنە ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزگەن، بۇ قېتىمقى مانىۋېر 1 ئاي داۋاملىشىدىكەن.
ئىران ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئەگەر غەرب دۆلەتلىرى ئىرانغا نېفىت ئىمبارگوسى يۈرگۈزسە، ھورمۇز بوغۇزىنى قامال قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. نۆۋەتتە، ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزى ترانسىپورت لىنىيىسىنى قالايمىقان قىلىش مۇددىئالىرى يوق بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى بۇ رايوندا ئاۋىئاماتكىنى ئۆز ئىچگە ئالغان كۆپلىگەن ھەربىي پاراخوتلارنى ئورۇنلاشتۇرىدى.
1-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئىران ئىنقىلابىي قوغدىنىش ئارمىيىسى شەرقىي قىسىمدىكى ئافغانىستان بىلەن چېگىرلىنىدىغان رايوندا «بىرلەشمە شېھىتلار» ناملىق ھەربىي مانىۋېرنى باشلىغان. مانىۋېرنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئىران چېگرا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدام، ئىنقىلابىي قوغدىنىش ئارمىيىسى قۇرۇقلۇق قىسىمىنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئىنقىلابىي قوغدىنىش ئارمىيىسى قۇرۇقلۇق قىسىمىنىڭ كۆپ خىل سىممىتېرىك بولمىغان ئۇرۇشتىكى تاكتىكا ئىستراتىگىيىسىنى مەشىق قىلغان.
2-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئىراننىڭ ئايەتۇللاسى ھامىنىي سۆز قىلىپ، ئىراننىڭ خەلقئارا بېسىمى بىلەن يادرو پىلانىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە ئىرانغا نېفىت ئىمبارگوسى يۈرگۈزگەن دۆلەتلەردىن ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى دارۋاڭ قىلغان.
(تەھرىر :ئۇيغۇربىز)













